ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى deepin دىن خۇشخەۋەر
     ئونۋېرسال   جەمى 0 باھا

ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى deepin دىن خۇشخەۋەر

     ئونۋېرسال     جەمى 0 باھا

رەسىم چۈشەندۈرۈلىشى

ئالىپ تورى باشقۇرغۇچىسى مۇختەر (تور نامى يۇمشاق دېتال) نىڭ ئېلان قىلغان يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز پروگراممىرلىرى debian نى يادرو قىلىپ C++ QT دا يىزىپ چىققان ئوچۇق مەنبەلىك ھەم خەلىقئارالىشىشقا يۈزلەنگەن linux ئۈستەل يۈزى نەشىرى مەشغۇلات سىستېمىسى deepin نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى لايىھە جەھەتتە خەلىقئارالىق يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلەتكۈچىلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە 60 تىن ئارتۇق تىل بولىقى تەمىنلەنگەن.

تەرجىمە ئادرىسى:

https://www.transifex.com/linuxdeepin/public

خالىسىڭىز https://www.deepin.org دىن Deepin نىڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسىڭىز ياكى Transifex دىن يۇقارقى ئۇلانما بىلەن كىرىپ سىزمۇ تەرجىمىگە قاتناشسىڭىز بولىدۇ.

/ئالىپ تورىدىكى مەزمۇننى كۆرۈڭ

نۆۋەتتە deepin مەخسۇس ئۈچىنچى تەرەپكە نىسبەتەن مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تەرەپتىن ھەر خىل ئۇلىنىش ئىغىزلىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق پروگراممىرلار ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى deepin دا تىخىمۇ ياخشى سىستېما بىلەن ماسلىشىشچانلىققا ئىگە قىلىش ۋە سىستېمىنىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش شارائىتى تەمىنلىگەن، Chromium يادروسىدىكى html ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش رامكىسى بىلەن تەمىنلىگەن، مۇزىكا قويغۇچ، سىن قويغۇچ، ئەپ بازىرى، كالىندار، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ دىگەندەك يادرولۇق ھەم ئاساسلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئۆزى قايتىدىن يىزىپ چىققان، نۆۋەتتە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى دوستانە ھەم ئوچۇق بولۇپ dde نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈستەل يۈزى مۇھىتى ۋە ئۆزىنىڭ خاس نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللىرىنى debian دىن باشقا fedora, ubuntu دەك باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا تەمىنلىدى، سىز خالىسىڭىز linux نىڭ باشقا ئۈستەل يۈزى نەشىرىدە تۇرۇپمۇ dde نى ئىشلىتەلەيسىز ۋە ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز.

كۆرسەتمە